Qidisag Kalgin

歌手: Tumurhan-Rozi • 专辑:铁木尔汗·肉孜个人演唱会 • 发布时间:2020-03-27
作词 : Mamatjan Raxidin
 作曲 : Yakup Bakri
ئوت ئۆچمىگەن قازانلارغا ئوخشايدۇ ئالەم
ئوتتىن ئۇلۇغ كۈرەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
چىڭ پۈتمىگەن پاراغەتكە تۇغۇلدۇم دىسەڭ
سالقىنى يوق چۆلدەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
چىڭ پۈتمىگەن پاراغەتكە تۇغۇلدۇم دىسەڭ
سالقىنى يوق چۆلدەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
ھەركىم كېلىپ سۆيىۋەمەس ئىككى مەڭزىڭگە
گاھ ھەم قارام سۈركەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
ھەركىم كېلىپ سۆيىۋەمەس ئىككى مەڭزىڭگە
گاھ ھەم قارام سۈركەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
سىلاش ئەمەس تاتلاش ئۈچۈن تىرناقلار تەييا
قۇسۇر تېپىپ جۆندەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
سىلاش ئەمەس تاتلاش ئۈچۈن تىرناقلار تەييا
قۇسۇر تېپىپ جۆندەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
قۇسۇر تېپىپ جۆندەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
مۇزىكا
ئەجەل باتۇر سېنىڭ ئۈچۈن  ماختاشلاردىمۇ
تىل تەگمىسۇن سۆزلەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
ئەجەل باتۇر سېنىڭ ئۈچۈن  ماختاشلاردىمۇ
تىل تەگمىسۇن سۆزلەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
بىر تال تىكەن ئايرىلىسەن بىلمەي بەزىدە
ئۇچۇرغىلى پۈۋلەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
چىڭ باغلىنىپ تىرىكچىلىك ئارقانلىرىغا
خالىغانچە سۆرەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
چىڭ باغلىنىپ تىرىكچىلىك ئارقانلىرىغا
خالىغانچە سۆرەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
خالىغانچە سۆرەشلەرگە چىدىساڭ كەلگىن
چىدىساڭ كەلگىن
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑