Ending

歌手: Sabek • 专辑:Ending • 发布时间:2020-05-04
作词 : Sabek
 作曲 : Sabek
封面:Y-MSF
后期:Sabek
录音 :ENAL studio
编曲:No Birthday
كۈنلەر ئۆتىدۇ خۇدۇمنى تاپقۇچە كالېندار ۋارىقى شامالدا يەلپۈنۈپ
ئەسلەيمەن سېنى ھە كاللامدا ھەر ۋاقىت قۇياشتەك كۈلكەڭگە ھەر كۈنى تەلمۈرۈپ
ئۆتۈپ كەتتى
ئۆتۈپ كەتتى دەپ ئالدايمەن ئۆزۈمنى
يۈرەككە سالىمەن قىلغان شۇ سۆزۈڭنى
چۈشۈمدە كۆرىمەن نۇرانە كۆزۈڭنى
ئۆزگىرىشىگە ئەگىشەلمىدىم ۋاز كېچىشكە تەڭشەلمىدىم مەن
قونچاققا ئوخشايمەن تىكەندەك گەپلەرنى يۈرىكىمگە تىقىپمۇ كۈلىۋاتىسەن
ئاخىرى مەنمۇ چىدىيالمىدىم سەنمۇ مۇراتقا يەتكەنسەن
مېنى تونۇمايمەن دېدىڭغۇ بىلمەيمەن دېدىڭغۇ مەن ئەمدى ئۇنىڭغا نېمە دەيمەن؟
بەلكىم خاتالىق مەندە ئۆزۈمنى ئۇنتۇدۇم ئىنتىلىپ ئەتىرگۈلگە
تارتقان خورلۇقنى ئىچىمدە ساقلاپ ئېغىرلىق سېلىپ بۇ ئاجىز تەنگە
ئەتىرگۈل تىكىنى قولۇمغا كىردى ئالقىنىم قان لېكىن يۈزۈمدىكى كۈلكە
ھەممىگە ئېرىشتىم دەپ ئويلىغان مەن ئەسلىدە ھەممىسى چۈشۈم ئىكەندە
پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشساممۇ ، تەقدىر بىلەن قېرىشساممۇ
ھاياتنىڭ گېلىگە پىچاقنى تەڭلەپ ، نېمىشقا دەپ توۋلىساممۇ
ئەمدى مەن ۋاز كەچتىم كۆزۈڭدىن يوقالدىم خۇشال بولدۇڭمۇ ، كۆڭلۈڭ توقمۇ؟
بۇرۇنقى كۆنلەرنىڭ يۈزىنى قىلىپ ماڭا بىر ئېغىز خوش دېگەن گېپىڭمۇ يوققۇ
You're in my head
Every day every night
I am tired
You are out of reach
Do you know
Are you aware of that
I left
I went away
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑