Köngülning Siri

歌手: zulhumar zeper • 专辑:Köngülning Siri • 发布时间:2020-06-13
كۆڭۈلنىڭ سىرى
سۆزى: مەمەتتۇرغۇن ئەلى
مۇزىكىسى: زۇلخۇمار زەپەر
ئاكورد
گەر ئۇچراشساق پىنھاندا يالغۇز قالغاندا
شېرىن تۇيغۇ يۈرەكنى ئىلكىگە ئالغاندا
ئېيتالمىغان ئىزھارنى كۆزلەر سۆزلەيدۇ
بەلكىم تەقدىر بىزنى باغلىسام دەيدۇ
بىر ھارارەت  ئۆرلەيدۇ چاڭقىغان دىلدىن
لىكىن يۈرەك سېرلىرىمىز چىقمىدى تىلدىن
يەنە شۇنداق ئۇچراشساق يالغۇز قالغاندا
ئەمدى ئۆزىمىزنى قىينىمايلى كۆزلەر باققاندا
قايتۇرما
كۆزلىرىڭدىن ئايان بولدى ئىيتىمىغان كۆڭلۈڭنىڭ سىرى
مەنمۇ سەندەك چىن سۆيگۈ ئىزدەپلا يۈرگەننىڭ بىرى
بەلكىم سەنمۇ ماڭا ئىزھارلىرىڭ بار ئاشىقنىڭ بىرى
قاچانغىچە ئېچىلمايدۇ كۆڭۈلنىڭ سىرى
ئاكورد
كۆزۈڭ ماڭا سۆزلەيدۇ ئىزھارلىرىڭنى
ماڭا تەقدىم ئەتكەندەك ئىمكانلىرىڭىنى
جۈرئېتىڭ يوق ئېھتىمال ئېغىز ئېچىشقا
تەمتىرەيسەن مەندىن زادى نېمىشقا
بىر ھارارەت ئۆرلەيدۇ چاڭقىغان دىلدىن
لىكىن يۈرەك سېرلىرىمىز چىقمىدى تىلدىن
يەنە شۇنداق ئۇچراشساق يالغۇز قالغاندا
ئەمدى ئۆزىمىزنى قىينىمايلى كۆزلەر باققاندا
قايتۇرما
كۆزلىرىڭدىن ئايان بولدى ئىيتىمىغان كۆڭلۈڭنىڭ سىرى
مەنمۇ سەندەك چىن سۆيگۈ ئىزدەپلا يۈرگەننىڭ  بىرى
بەلكىم سەنمۇماڭا ئىزھارلىرىڭ بار ئاشىقنىڭ بىرى
قاچانغىچە ئېچىلمايدۇ كۆڭۈلنىڭ سىرى
كۆزلىرىڭدىن ئايان بولدى ئىيتىمىغان كۆڭلۈڭنىڭ سىرى
مەنمۇ سەندەك چىن سۆيگۈ ئىزدەپلا يۈرگەننىڭ بىرى
بەلكىم سەنمۇ ماڭا ئىزھارلىرىڭ بار ئاشىقنىڭ بىرى
قاچانغىچە ئېچىلمايدۇ كۆڭۈلنىڭ سىرى

💡 相关搜索建议

正在播放: Köngülning Siri
0:00 / 0:00
加载歌词中...
Köngülning Siri
zulhumar zeper