razi bol

歌手: 账号已注销 ataman • 专辑:razi bol • 发布时间:2020-07-24
作词 : 账号已注销
 作曲 : 账号已注销
سىنى سۆيۈشتىن ھېچ قوقمايمەن.
سىنىڭ كۈلۈشىڭنى سۆيىمەن.
ھەر ماڭا قارىغىنىڭدا كۆزلىرىڭدىن كۆرگەن ئۇ تۇيغۇنى،
كۆزلىرىڭدىكى كۆزلىرىمنى سۆيىمەن.
كۆڭلۈڭنى سۆيىمەن.
سىنىڭ ئۆزۈڭنى سۆيىمەن.
لەۋلىرىڭدىكى سۆزلىرىڭنى سۆيىمەن.
يەنە ھەم سىنى سۆيۈستىن ھېچ قورۇقمايمەن.
مەن ئەڭ ئۈمىتسىزلىككە تولغان چېغىمدا،
مىنى تېپىۋالغىنىڭ ئۈچۈن سۆيىمەن.
يەنىلا سىنى سۆيۈشتىن قورۇقمايمەن.
مەن سىنى سەن بۇ شەھەردە بولغىنىڭ ئۈچۈن ئەمەس،
مەن بىلەن مەنزىلىڭ بىر بولغانلىقىڭ ئۈچۈن،
مەن بىلەن كەلگۈسىگە تەڭ قارىيالغىنىڭ ئۈچۈن سۆيىمەن.
كېچىلىرى مىنىڭ يۈزۈمگە چۈشكەن ئاي نۇرى سىنىڭمۇ يۈزۈڭگە چۈشكەنلىكى ئۈچۈن سۆيىمەن.
ماڭا چۈشكەن قوياش نۇرىنىڭ ساڭىمۇ چۈشىۋاتقانلىقىدىن سىنىمۇ سۆيىمەن.
بۇ ۋاقىتتا مەن بىلەن بىر ۋاقىتتا سۆيۈپ قالغانلىقىڭدىن سۆيىمەن.
مەن سىنى مەن بىلەن ياشىغانلىقىڭ ئۈچۈن،
مەندىن ھېچ تانمىغانلىقىڭ ئۈچۈن سۆيىمەن.
مىنى ھېچ تاشلىۋەتمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن سۆيىمەن.
قەلبىڭنى سۆيىمەن،
ئېشىكلىرى ئېچىلغىنىدا.
كۆزلىرىڭنى سۆيىمەن،
ھەر قارىشىمدا يۇمۇلۇپ ئېچىلغىنىدا،
ماڭا قارىغىنىڭدا ئىچىمدە يانغان ھاياجىنىمنى سۆيىمەن.
ھەر قېتىم قارىغىنىڭدا سىنى سۆيىدىغىنىمنى تەكرار ئەسكە ئېلىشىمنى سۆيىمەن.
يەنىلا سىنى سۆيۈشتىن قورۇقمايمەن.
يەنىلا سىنى سۆيۈشتىن قورۇقمايمەن.
سىنى سۆيۈشنى شۇ قەدەر سۆيىمەنكى ،
سىنىڭ قەلبىمدە،
ھاياتىمدا بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ھەم ئۆزۈمنى قوشۇپ سۆيىمەن.
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑