Yalghuz Kishilik Olturuhs & Uyghur Song

歌手: Uygur Gittar • 专辑:Yalghuz Kishilik Olturuhs & Uyghur Song • 发布时间:2020-08-07
作词 : Mewlan Uygur Gittar Memtimin
 作曲 : Mewlan Uygur Gittar Memtimin
چىيى يوق پىيالە بولسىلا يىتەر
مەن ئۇنى قەدەھ دەپ خىيال قىلسام بەس
سىردىشىم شۇ دەمدە غېرىپ تۆت تامدۇر
دۇتارنىڭ ئۈنىدە قەلبىم بۇلار مەس

سازىمنى چالىمەن ئىھتىيات بىلەن
خوشنىلار سەزمەستىن ئاڭلىغاي ئۇنى
ھەممىنى ئال دۇنيا ساڭىلا بىرەي
قىزغىناي مۇڭ باسقان غېرىپ كۈيۈمنى

ساز ماڭا جاناندۇر، مەيدۇر كەيىپتۇر
يالغۇز قوي ھەي ئىنسان، مەندىن يىراقتۇر
غەم - ھەسرەت، دەرد - ئەلەم ياكى مۇھتاجلىق
ئاشىغلىق شۇ ئىرۇر ياكى پىراقتۇر

ئۆلپەتكە مۇھتاجمەن ئىنسانغا ئەمەس
مەن بىلەن مۇڭداشقىن دىلكەش دۇتارىم
ئۇنتۇپ كىتەرمەن دۇنيانى تامام
يالغۇز مۇڭ ئۈنىدە يوقتۇر ئازارىم

مەن سازغا مىھمانمەن، ئۇ ماڭا مىھمان
تەرىپلەش يا ئالقىش ھېچ ھاجەت ئەمەس
مال - دۇنيا ، شان شۆھرەتكە قۇل بولما كۆڭلۈم
ھاياتنىڭ ئوڭ - سولى ئۇنىڭدا ئەمەس

ساز ماڭا جاناندۇر، مەيدۇر كەيىپتۇر
يالغۇز قوي ھەي ئىنسان، مەندىن يىراقتۇر
غەم - ھەسرەت، دەرد - ئەلەم ياكى مۇھتاجلىق
ئاشىغلىق شۇ ئىرۇر ياكى پىراقتۇر
ساز ماڭا جاناندۇر، مەيدۇر كەيىپتۇر
يالغۇز قوي ھەي ئىنسان، مەندىن يىراقتۇر
غەم - ھەسرەت، دەرد - ئەلەم ياكى مۇھتاجلىق
ئاشىغلىق شۇ ئىرۇر ياكى پىراقتۇر
ئاشىغلىق شۇ ئىرۇر ياكى پىراقتۇر
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑