SenKelmey

歌手: Bilal Enwer • 专辑:SenKelmey • 发布时间:2020-09-07
作词 : EkberEkrem
 作曲 : Bilal Enwer
 تۇمان باستى يوللىرىمنى سەن كەلمەي
 يالغۇز ئۆتتى كىچەلىرىم سەن كەلمەي
 باغلىرىمغا سەن تېرىغان قىزىل گۈل
 سۇنۇپ كەتتى قارالمىدىم سەن كەلمەي
 باغلىرىمغا سەن تېرىغان قىزىل گۈل
 سۇنۇپ كەتتى قارالمىدىم سەن كەلمەي
 سەيلە قىلسام مەجنۇنتاللار ئاراسىدا
 مەجنۇن بوپتۇ دېدى يارىڭ سەن كەلمەي
 مەجنۇن بوپتۇ دېدى يارىڭ سەن كەلمەي
 ئاي ئاسماندا نۇر چاچسىمۇ يولۇمغا
 ئالالمىدىم بىر قەدەممۇ سەن كەلمەي
 ئاي ئاسماندا نۇر چاچسىمۇ يولۇمغا
 ئالالمىدىم بىر قەدەممۇ سەن كەلمەي
 ساقلايمۇ مەن سېنى تەنھا باغلاردا
 باھار كەلسە كىلەر بۇلبۇل قېنى دەپ
 ساقلايمۇ مەن سېنى تەنھا باغلاردا
 باھار كەلسە كىلەر بۇلبۇل قېنى دەپ
 يالۋۇرايمۇ شاماللارغا دەردىمنى
 ئېلىپ كەتسۇن يار يېنىغا تېزراق دەپ
 يالۋۇرايمۇ شاماللارغا دەردىمنى
 ئېلىپ كەتسۇن يار قېشىغا تېزراق دەپ
 تۇمان باستى يوللىرىمنى سەن كەلمەي
 يالغۇز ئۆتتى كىچەلىرىم سەن كەلمەي
 يالغۇز ئۆتتى كىچەلىرىم سەن كەلمەي
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑