Yamgur

歌手: Abdurusul Obul • 专辑:Yamghur - 雨 • 发布时间:2020-09-12
作词 : Abduwali Hamar
 作曲 : Abdurusul Obul
 编曲 : Abdurusul Obul
ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئابدۇرۇسۇل ئوبۇل
« يامغۇر »
سىم-سىم يامغۇر تۆكۈلدى،
يۈرۈكۈمنى سەگىتىپ.
يۇيالماستىن دەردىمنى،
ماڭا يەنە ئەسلىتىپ.
يۇيالماستىن دەردىمنى،
ماڭا يەنە ئەسلىتىپ.
---مۇزىكا---
ياغقىن يامغۇر شاقىراپ،
توختاپ قالما تاڭغۇچە.
مەنمۇ ساڭا قوشۇلۇپ،
يىغلىۋالاي قانغۇچە.
---مۇزىكا---
ياغقىن يامغۇر شاقىراپ،
يۈرەك يەنە كۆيمىسۇن.
ئازار يىگەن قەلبىمنى،
ھىجران يەنە سۆيمىسۇن.
---مۇزىكا---
توختاپ قالما ئۆتىنەي،
ئاڭلا مېنىڭ زارىمنى.
مۇزلاپ كەتسۇن يۈرۈكۈم،
سەزمەي قالاي دەردىمنى.
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑