Tag tuxlar

歌手: ObulKasim-Omar Abduhalik-Turghun Kurbanjan-Abdukerim Abdugini Ablikim • 专辑:Tengtuxler • 发布时间:2009-12-15
作词 : Muhtar buhra
 作曲 : Arkin ablak
ھەي تەڭتۈشلەر تەڭتۈشلەر
ھەي شېرىن چۈشلەر شېرىن چۈشلەر
دەرىزىلەردە گۈزەل نەقىشلەر
ھەي ھەي تەڭتۈشلەر تەڭتۈشلەر
ھايات بىر خۇمدان  ئۇندا تەڭ پىشقان
كەڭرى سەھرادا ۋاللەي ئوينىغان
ھايات بىر خۇمدان   ئۇندا تەڭ پىشقان
كەڭرى سەھرادا ۋاللەي ئوينىغان
بىللە ئاتلىغان بوسۇغىلاردىن
بىللە ھالقىغان توسالغۇلاردىن
ھەي تەڭتۈشلەر تەڭتۈشلەر
ھەي شېرىن چۈشلەر شېرىن چۈشلەر
دەرىزىلەردە گۈزەل نەقىشلەر
ھەي ھەي تەڭتۈشلەر تەڭتۈشلەر
مۇزىكا
بىر مۇئەللىمدىن ئالغان پەرۋىشلەر
دىلغىمۇ ئۆرنەك سالدى نەقىشلەر
بىر مۇئەللىمدىن ئالغان پەرۋىشلەر
دىلغىمۇ ئۆرنەك سالدى نەقىشلەر
ئاداش   تەڭتۈشلەر   ياپيېشىل  چۈشلەر
دوستلار كەينىدىن تاپتى مىش-مىشلەر
ئەي ئاغىنىلەر   قانداقراق ئەھۋالىڭلار ھوي
ئېسىل كەچمىشلەر   ئارام بەخىشلەر
ۋىسال كۈتۈشلەر  ھەسرەت يۈتۈشلەر
بىر قىزغا تەڭلا خەتلەر پۈتۈشلەر
ھەي ھەي تەڭتۈشلەر
ھەي شېرىن چۈشلەر
بىر قىزغا تەڭلا خەتلەر پۈتۈشلەر
بىر قىزغا تەڭلا خەتلەر پۈتۈشلەر
سىز-بىزلەر ئاخىر ئىنسان بەرىبىر
ئايرىم يوللارغا ئايرىيدۇ تەغدىر
سىز-بىزلەر ئاخىر ئىنسان بەرىبىر
ئايرىم يوللارغا ئايرىيدۇ تەغدىر
ھەي تەڭتۈشلەر تەڭتۈشلەر
ھەي شېرىن چۈشلەر شېرىن چۈشلەر
دەرىزىلەردە گۈزەل نەقىشلەر
ھەي ھەي تەڭتۈشلەر تەڭتۈشلەر
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑