Sirlik tuman

歌手: HALMURAT- REQIP Keramjan MamatEli Anwarr Shireli-Gheni • 专辑:Sirlik Tuman • 发布时间:2020-08-28
作词 : Yasin muhpul
 作曲 : yasin muhpul
سىرلىق تۇمان
چىقتىم ئۆيدىن تۈن نىسپىدە ئانام تۇيماستا ،
سىرلىق تۇمان قاينىمىغا شۇڭغۇدۇم ئاستا .
چىقتىم ئۆيدىن تۈن نىسپىدە ئانام تۇيماستا ،
سىرلىق تۇمان قاينىمىغا شۇڭغۇدۇم ئاستا .
تۈتۈنلەرگە بولدۇم ئەسىر ئېرىدى تېنىم ،
گويا جەننەت ھۇزۇرىدا يايرىدى جېنىم .
ئاتا-ئانام بىساتىنى تۈتۈنگە ساتتىم ،
مەئىشەتلىك تۈن قوينىغا ئۆزەمنى ئاتتىم .
چىرماپ ئالدى ھۇجۇدۇمنى سىرلىق تۇمانلار ،
دىلدا قالدى شىرىن چۈشتەك ئارزۇ-ئارمانلار .

ئاھ ئويغانسام يېتىپتىمەن زۇلمەت ئىچىدە ،
گويا لەھەت باغاشلاپمەن مۇدھىش كىچىدە .
ئاھ ئويغانسام يېتىپتىمەن زۇلمەت ئىچىدە ،
گويا لەھەت باغاشلاپمەن مۇدھىش كىچىدە .
قۇچاق ئېچىپ كەلدى ئەنە ماڭا شۇم ئەجەل ،
تۈگەر مىكىن گۈل ياشلىغىم ئەمدى بىر مەھەل .
قان يىغلارمۇ ئانام كۈندە دادام ھەسرەتتە ،
ئۈتەرمىكىن باغرى پارە بىر ئۈمۈر دەرتتە .
قېنىۋالاي دىدارىغا جان ئانام قېنى ،
كىم قۇتقۇزار شۇم ئەجەلنىڭ قوينىدىن مېنى ؟
قېنىۋالاي دىدارىغا جان ئانام قېنى ،
كىم قۇتقۇزار شۇم ئەجەلنىڭ قوينىدىن مېنى ؟
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑