Ata - Ana/献给父母的歌

歌手: Alijan Aksopa • 专辑:Muhebbet Sorap/寻爱之路 • 发布时间:2012-07-12
作词 : Gheni Semet
 作曲 : Alijan Aksopa
ئاتا – ئانا
ئاۋاز ئۈنۈم ئەلى ئاقسوپا
ئاكورتلاشتۇرغۇچى كېرەمجان مۇھەممەتئەلى
تەرجىمان ئەزھەرجان مەھمۇد
ئاق سۈت بېرىپ ھاياتلىققا قىلدىڭ يار
سەن بار ئۈچۈن بولماي كەلدىم خارۇ – زار
ئەللىيىڭدەك ئۇلۇغ ناخشا نەدە بار
جانىم ئانا تىلەگىڭدە كۆكلىدىم
ئەللىيىڭدەك ئۇلۇغ ناخشا نەدە بار
جانىم ئانا تىلەگىڭدە كۆكلىدىم
كۈي ياڭراتسام ئاۋازىمسەن جان ئانا
پەرۋاز قىلسام قاناتىمسەن جان ئاتا
مۇزىكا
مېھرۇ – ۋاپا ساداقەتنى مەردلىكنى
چىن ياشاشنى ئۈگەتتىڭ سەن ھارمىدىڭ
مېھرۇ – ۋاپا ساداقەتنى مەردلىكنى
چىن ياشاشنى ئۈگەتتىڭ سەن ھارمىدىڭ
بارلىغىڭنى پەرزەنتلەرگە ئاتىدىڭ
جانىم ئاتا ئەجرىڭ بىلەن كۆكلىدىم
بارلىغىڭنى پەرزەنتلەرگە ئاتىدىڭ
جانىم ئاتا ئەجرىڭ بىلەن كۆكلىدىم
ئاسمىنى كەڭ يايلىقىمسەن جان ئاتا
خوشاللىقىم بايلىقىمسەن جان ئانا
مۇزىكا
مېھىر بەردىڭ بارىم بېرەي ئانىجان
ئەجرىڭ ئۈچۈن جانىم بېرەي ئاتىجان
تىلەگىڭلەر ماڭا مەدەت ھەر قاچان
سىلەر بولغاچ مەنزىللەردە ھارمىدىم
تىلەگىڭلەر ماڭا مەدەت ھەر قاچان
سىلەر بولغاچ مەنزىللەردە ھارمىدىم
تىلەگىڭلەر ماڭا مەدەت ھەر قاچان
سىلەر بولغاچ مەنزىللەردە ھارمىدىم
دىل تەختىمدە سۇلتانىمسەن جان ئاتا
مەڭگۈ پۈتمەس داستانىمسەن جان ئانا
مېھرىبانىم ئانا..... ئانا ، جان ئانا
قەدىردانىم ئاتا..... ئاتا - جان ئانا
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑