Ayga Baksam

歌手: elijangupur • 专辑:san kerak • 发布时间:2021-06-04
作词 : askar kurban
 作曲 : elijangupur
 编曲 : elijangupur
ئايغا باقسام ئايدەك جامالىڭ، 
زاھىر بولدى يەنە ئالدىمدا.
كەچمىشلەرگە چىلاشقان سۆيگۈ،
نازلىق بېقىپ ياتار باغرىمدا. 
جىمىرلىدى يۇلتۇزلارمۇ ھەم،
مۇڭغا پاتتى قىسىپ كۆزىنى.
ئاي شولىسى ئوينىتار لەرزان
پارە قىلىپ نىمجان تىنىمنى.
تۈن پەردىسى يېيىلغان شۇدەم،
تولغاندى جان خىلۋەت ھۇجرىدا.
پورەكلىدى ئاشىق ھەسرىتى،
يىلتىز تارتىپ ئازاپ  قوينىدا.
كەتتىڭ ھىجران چۆلىگە باشلاپ، 
دەرتلىك يۈرەك چېقىلدى چۇل-چۇل. 
كىرپىكىڭنى لال قىلىپ ئاتقىن،
تۇتۇپ بېرەي كۆكسۈمنى ئۇدۇل. 
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑