Shox-Shox (蹦起来) (Live)

歌手: Abdulla Abdurehim 阿不都拉 • 专辑:《迪乐坎之夜》阿不都拉2021现场演唱会 • 发布时间:2021-10-25
作曲 : Mewlan Memtimin 买吾兰
«شوخ-شوخ»
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
سۆزى: ئابلەت ئىسمايىل
مۇزىكىسى: مەۋلان مەمتىمىن
(«دىلكان ئاخشىمى»دىن نەق مەيدان)
بۈگۈن ئايەم، نەغمە-ناۋا ياڭرىسۇن شوخ-شوخ
كۈي-ناۋانى خەلقى-ئالەم ئاڭلىسۇن شوخ-شوخ
ھەممە ئادەم ئۆزىنى خوش ئەيلىسۇن شوخ-شوخ
چېھرى باھار ئاپتىپىدەك پارلىسۇن شوخ-شوخ
ھەممە ئادەم ئۆزىنى خوش ئەيلىسۇن شوخ-شوخ
چېھرى باھار ئاپتىپىدەك پارلىسۇن شوخ-شوخ
بۈگۈن ئايەم، ئۆي-ئۆيلەرگە مىھمان كىلىدۇ
مىھمان كەلسە ئامەت كۈلكە ھەمدان كىلىدۇ
داستىخانغا نازۇ-نىئمەت چەندان كىلىدۇ
ئايەم بىلەن كۆڭۈلىلەر شاد ئەيلىسۇن شوخ-شوخ
ياڭرىسۇن شوخ-شوخ ، ياڭرىسۇن شوخ-شوخ
ئەھلى ئايەم كۈلۈپ-كۈلۈپ قانمىسۇن شوخ-شوخ
مۇزىكا
بۈگۈن ئايەم، مۇبارەكلە قەدىردانلارنى
قېرىنداشنى، ھەقەمسايە، دوست-يارەنلەرنى
ئۇنتۇماكى ئاجىز يىتىم، ناتىۋانلارنى
مىسكىنلەرمۇ بويۇن قىسىپ قالمىسۇن، شوخ-شوخ
ياڭرىسۇن شوخ-شوخ ، ياڭرىسۇن شوخ-شوخ
ئەھلى ئايەم كۈلۈپ-كۈلۈپ قانمىسۇن شوخ-شوخ
مۇزىكا
بۈگۈن ئايەم، مۆرىۋەتتە مىھنەتتە ئۆتكەي
قەدرى ئۇلۇغ، مىھرى ئاتەش خىسلەتتە ئۆتكەي
چوڭغا ھۆرمەت، كىچىكلەرگە ئىززەتتە ئۆتكەي
كۆيۈم-شەپقەت ئېقىن بولۇپ يامرىسۇن شوخ-شوخ
ياڭرىسۇن شوخ-شوخ ، ياڭرىسۇن شوخ-شوخ
ئەھلى ئايەم كۈلۈپ-كۈلۈپ قانمىسۇن شوخ-شوخ
ياڭرىسۇن شوخ-شوخ ، ياڭرىسۇن شوخ-شوخ
ئەھلى ئايەم كۈلۈپ-كۈلۈپ قانمىسۇن شوخ-شوخ
ئەھلى ئايەم كۈلۈپ-كۈلۈپ قانمىسۇن شوخ-شوخ
——
《Shox-Shox》现场版
『阿不都拉工作室』出品
「编词:ALM灬阿帅」
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑