Qerindash

歌手: ElYar Damolla • 专辑:Kerindax 亲戚 • 发布时间:2021-11-26
作曲 : Perhat Abit Qoglan
ساڭا يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ قېرىنداش ،
باش قاتۇرۇپ غېمىڭدە كەچ ياتىدۇ قېرىنداش .
مېيىت يالغۇز چىققاندىن يوقتۇر ئارتۇق غېرىپلىق .
ئۆلگەن چېغىڭ ياش تۆكۈپ ئۈن سالىدۇ قېرىنداش .

بىر ئاتا ۋە ئانىدىن بۇ دۇنياغا تۆرەلگەن ،
ۋۇجۇدۇڭغا خۇي پەيلىڭ ئوغۇز بىلەن تەڭ كىرگەن .
ئاداۋەتنى دوسىت تۇتما ئىناقلىقىڭ ئامىتىڭ .
ئىنساپ بەرگەن بىر كۈنى سۆز ئاچىدۇ قېرىنداش .

بەزى ئادەم پەرۋانە نىمىتىڭنى يېگۈچە ،
ئەسقاتىدۇ تۇغقىنىڭ قېرىندىشىڭ ئۆلگىچە .
كىچىك بولساڭ چوڭلارنىڭ ئالدىغا بار ئىگىلىپ ،
ۋاپادارلىق ئويغۇتۇپ كۆز ئاچىدۇ قېرىنداش .
ساڭا يامان بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ قېرىنداش .
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑