nahxiqi

歌手: Kurbanjan Kudus • 专辑:nahxiqi • 发布时间:2022-03-06
作词 : Kurbanjan Kudus
作曲 : Kurbanjan Kudus
ناخشىچى
قۇربانجان گىتتار
نەغمىلەرنى تەڭكەش قىلىپ،
مۇڭ قىلىدۇ ناخشىچى.
توي-تۆكۈن ھەم سۇرۇننى،
مول قىلىدۇ ناخشىچى.
دىلى سۇنۇق قەلىبنى،
شوخلىتىدۇ،ناخشىچى.
چۈش قوينىدىن ئاشىقنى،
ئويغىتىدۇ، ناخشىچى.
چىكىپ قەلىب تارىنى،
زۇق بىرىدۇ، ناخشىچى.
يېڭى تۇيغۇ ئىدىيە،
تارقىتىدۇ ناخشىچى.
ئاشىق-مەشۇق يۈرەكنى،
ياخشىلايدۇ ناخشىچى.
ئىچى قوتۇر نامەرتنى،
قامچىلايدۇ ناخشىچى.
قىروۋ باسقان ئىنساننى،
ئىللىتىدۇ ناخشىچى.
زىمىستانغا باھارنى،
چىللىتىدۇ، ناخشىچى.
ئادىمىيلىك، مارشىنى،
ياڭرىتىدۇ، ناخشىچى.
مىللەت دۆلەت رىشتىنى،
باغلىتىدۇ، ناخشىچى.
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑