AyaLLaR

歌手: Ghezelhan • 专辑:Ayallar • 发布时间:2022-04-10
پەرزەنىتلەرگە ئاتىغان چەكسىز مىھرىنى 
ساداقەت بابى ياشناتقان گۈزەل چىھرىنى 
جان بەرگەن ئەۋلادقا بەرگەن ۋەسلىنى 
چىھرى نۇر ، قەلبى نۇر ئەزىز ئاياللار 
پەرزەنىت مىھرىنى دەپ ، ھەممىدىن كەچكەن 
قەھرىدە تاغلارنىڭ قەددىنى ئەگكەن 
غورۇردىن باشلىرى كۆكلەرگە يەتكەن 
چىھرى نور ، قەلبى نۇر ئەزىز ئاياللار 
ئەرلەردەك كۆكلەردە ئۈزگەن ئاياللار ، 
ئەل بىلەن بىر نەپەس تۇرغان ئاياللار 
ئىلىمنىڭ نۇرلىرىنى سۈزگەن ئاياللار 
چىھرى نور ، قەلبى نۇر ئەزىز ئاياللار 
ئەزىز ئاياللار ، ئەزىز ئانىجانلار 
ئەزىز ئاياللار ، ئەي مىھرىبانلار 
چىھرى نۇر قەلبى نۇر 
ئەزىز ئاياللار 
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑