Atajan

歌手: 克尤木 • 专辑:Atajan(父亲) • 发布时间:2022-11-17
编曲 : 克尤木
ئارمانىم قويماس ئامان،
ئاتامنى ئەسلەپ ھامان.
يېتىملىك دەردى يامان،
يامان ئۇ…
كۆزۈم يولدا ئولتۇرار،
گوياكى ئاتام كېلەر .
كوچا باشى بوش تۇرار،
يامان ئۇ…
جانىم تۆكۈلدى كۆر مېنى،
نەدە قالدى ئارزۇلىرىم مېنىڭ.
ھېچ بولمىسا چۈشلىرىمگە كىرىڭ،
سېغىنغىنىم، ئاتا جانىم مېنىڭ.
music
يۈزلىرىڭ سىلاپ تۇتسام،
بالىلىق سىراپ كەتسەم،
غەملىرىمنى ئۇنۇتسام،
يامان ئۇ…
ئىيتالمىغان گەپلىرىم،
تىترەيدۇ لەۋلىرىم .
دىلىم ئىززەر دەردلىرىم،
يامان ئۇ…
جانىم تۆكۈلدى كۆر مېنى،
نەدە قالدى ئارزۇلىرىم مىنىڭ.
ھېچ بولمىسا چۈشلىرىمگە كىرىڭ،
سېغىنغىنىم ئاتا جانىم مېنىڭ.
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑