Aslarsan Meni

歌手: Hanzohra-Ahat • 专辑:aslarsan mini • 发布时间:2022-12-10
作曲 : URQ
يالغۇز ياتقاندا ئەسلەرسەن مېنى.
ئۇيقۇ قاچقاندا ئەسلەرسەن مېنى.
گۈلنى يايرىم دەپ باھاردا بۇلبۇل.
قوشاق قاتقاندا ئەسلەرسەن مېنى.
يالغۇز ئۇجىراڭدا باشلىنىپ كېچە
چىراغ ياققاندا ئەسلەرسەن مېنى.
ئويغانساڭ سەھەر يېنىڭدا مەن يوق.
ھەر تاڭ ئاتقاندا ئەسلەرسەن مېنى.
يامغۇر سۆزلىرىم يادىڭدا بولسۇن
يامغۇر ياغقاندا ئەسلەرسەن مېنى.
تاھىر ئاققاندەك ئەزىم دەريادا
مەنمۇ ئاققاندا ئەسلەرسەن مېنى.
ئىزدەپ تاپالماي مەندىن ياخشىنى
بېشىڭ قاتقاندا ئەسلەرسەن مېنى.
مەندىن ياخشى دەپ يۈرگەن ئاشىقىڭ
.تاشلاپ قاچقاندا ئەسلەرسەن مېنى.
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑