Mamkap(蒲公英)

歌手: NBR 卡普Kuyikap • 专辑:Mamkap • 发布时间:2023-01-30
作词 : NBR/卡普Kuyikap
 作曲 : NBR/卡普Kuyikap
 编曲 : NBR
封面/缩混:402传媒
hook
دەردىمنى سۆزلەيمە كىمگە
ئەمما ، كەم بولدى كۈلكە
بۇ دۇنيا ئوخشايدۇ گۈلگە
يەنە كەم بولدى كۈلكە
كۈلكىلەرنى ئىزدەپ ماڭدىم
باش ئەگمەي مۇشەققەتكە
خۇددى مەن بىر يالغۇز مامكاپتەك يېې ~
Number
ئاپتوبۇسمۇ كېتىپ قالدى بۈگۈن يەنە
تۇرمۇش ماڭا كۈلۈپ تۇرۇپ قىلغان تەنە
بولدى تىلغا ئالمايمە جىق ئىشلارنى
مەن ئۇنتۇپ قالمايمەن شۇ كىشىلەرنى
بالىلىقىمنى سېغىنىپ ئۆتكەن
تۇرمۇشنىڭ بېسىمىدىن ئايلىنىپ ئۆتكەن
شۇ كۈنلەر ھەممىمىزگە قايتىلانمايدۇ بىلىسەن
جىق ئىشلارنى ئويلىماي چوڭ بولۇشنى كۈتكەن
چوڭ بولۇشنى كۈتكەن
چوڭ بولۇشنى كۈتكەن ھەممىمىز
چوڭ بولۇپ كەتتۇق ئەمدى بىز
HOOK
دەردىمنى سۆزلەيمە كىمگە
ئەمما ، كەم بولدى كۈلكە
بۇ دۇنيا ئوخشايدۇ گۈلگە
يەنە كەم بولدى كۈلكە
كۈلكىلەرنى ئىزدەپ ماڭدىم
باش ئەگمەي مۇشەققەتكە
خۇددى مەن بىر يالغۇز مامكاپتەك يېې ~
Kuyikap
ئازابىم ئۆز ئۆزۈمگە دۇر ئايان
مۇساپە داۋاملاشتى ھامان
ھەممىمىزگە ناتونۇش ماكان
ھەر قەدەمدە تۈگىمەس داۋان
گۈزەل كۈنلەر ئالدىنقى نىشاندا نۇرانە تولغان
ئۆتكەن ھەربىر كۈنلىرىمگە خاتىمە بېرىپ بولغان
بالىلىقتىكى شېرىن ، غەمسىز چاغلارنى سېغىندىم
كېچىلەر تۈننى تاڭغا ئۇلاپ ھەر كۈنى مەن ئۇخلاشقا ئېرىندىم
كەتكەنلەر قېنى سورايمەن كەتكەنلەر قېنى
ماڭا بەرگەن ۋەدىلەر قېنى ئاشۇ سەبىي كۆڭۈللەر قېنى
HOOK
دەردىمنى سۆزلەيمە كىمگە
ئەمما ، كەم بولدى كۈلكە
بۇ دۇنيا ئوخشايدۇ گۈلگە
يەنە كەم بولدى كۈلكە
كۈلكىلەرنى ئىزدەپ ماڭدىم
باش ئەگمەي مۇشەققەتكە
خۇددى مەن بىر يالغۇز مامكاپتەك يېې ~
402传媒出品
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑