Bahit

歌手: Ezbas- • 专辑:Bahit • 发布时间:2023-03-29
作词 : Ezbas-
 作曲 : Ezbas-
 编曲 : Ezbas-
ئازدىم مەن .ھايات يولۇمدىن
ئەسلىدىكى ئۆزۈمنى قايتا تاپالمىدىم
بىلمىدىم بەخت ئىشىكىم تاقالدىمۇ
ئۇنى نەچچە رەت چېكىپ ئاچالمىدىم
سەندىن ئايرىلغان شۇ كۈندىن باشلاپ .
بەختنىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇپ كەتتىم .
پۇشايمان قىلساممۇ ئورنىغا كەلمەس
بەخىتنى .قايتا ھېس قىلالمىدىم
كۈنلىرىم ئۆتىدۇ ۋەيرانە .
بولىمەن ئۆزۈمگە ،ھەيرانە
بولاتتىڭ دەردلىرىمگە دەرمانە
ھازىر سىردىشىم بولدى مەيخانە
كەيىپتە ئۆزۈم ئەسلەيمە ئۆتكەن ئۆتمۈشنى .
ئارزۇيۇم ئەسلىدە سەن بىلەن بىر ئۆمۈرگە ئۆتۈشتى .
ئويلاپ باقمىغان كېتىشنى . ياتنىڭ قولىنى تۇتۇشنى .
كەيىپكە زورلاپ ئۆزۈمنى . كوچا كويدا يېتىشنى
كۆزلەپ بەخىتلىك قىلىشنى . .كۈتمىگەن ياتنىڭ كېلىشىنى
بىلمەي سەندىكى بەختنىڭ تىۋىشىنى ھازىر بىلمەي نېمە قىلىشنى
توغرا ، بۇ ماڭا ھەق .
ئايلاندىم مەن ساڭا خەق
. سۆيمەيدۇ ئۇ مېنى دەپ .
كۆڭلۈڭنى چۈشەنمەي يۈرگىنىم ، خەپ .
ئەمەلىيەت بولمىدى ئويلىغاندەك .
ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ خۇددى چۈشتەك
قاراپ كېتەتتىم ساڭا ،تويمىغاندەك .
.ئويلامسەن مېنى مەنمۇ ئويلىغاندەك
بىلەركەنمىز يوقاتقاندا قەدرىنى .
ئايرىلغاندا سەۋەبچى .
قىلار ئىكەنمىز تەقدىرنى .
بەك ئەپسۇس .قايتالمايمە ئارقىمغا
. بەخىتلىك كۈنلىرىم ھېلىمۇ ھەم مېنىڭكى . يادىمدا .
كىم تىڭ سالىدۇ ئاھۇ زارىمغا
قەدرىڭنى قىلماي يېنىمدا بارىڭدا .
سەۋەبچى بولدۇم تۆككەن يېشىڭغا .
بولدى يېتەر
ئۆتمۈشۈم .قويۇۋەتكىن مېنى .
خۇشاللىققا ئىنتىلەي بەخىتمۇ كەلسۇن .
ئازابلارتۇرسۇنچۇ نېرى
. ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزغان نەچچە تۈننى
تەستە ساناپ . يىل ھەم  ئاي كۈننى
ئاڭلا بۇ ئاشىقنىڭ پىغانى
ئەسلا كۆرگۈم يوق ئىدى . يىغاڭنى
ئويلاپ باقمىغان كېتىشنى . ياتنىڭ قولىنى تۇتۇشنى .
كەيىپكە زورلاپ ئۆزۈمنى . كوچا كويدا يېتىشنى
كۆزلەپ بەخىتلىك قىلىشنى . .كۈتمىگەن ياتنىڭ كېلىشىنى
بىلمەي سەندىكى بەختنىڭ تىۋىشىنى ھازىر بىلمەي نېمە قىلىشنى
سېنى يوقاتتىم مەن .
توغرا . بەختمۇ يوقىدى ھەم .
قىلغانلىرىمنىڭ جازاسىدۇر بەلكىم .
كۆڭۈلدە قالدۇرۇپ غەم
ئەسلىمەكتە مەن سېنى پىراقتا .
بىلىمەن ، سەن مەندىن بەكلا يىراقتا .
كېچىلەردە كۆزلىرىمدە ئۇيقۇمۇ يوق .
ھەمراھىم كوچىدىكى شۇ قاۋاقلا
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑