Gul

歌手: Ali Eminjan • 专辑:Gul • 发布时间:2023-04-05
编曲 : KaYsaRTohtimat
قاشى قارا گويا ھىلالدۇر
ۋەسلى ماڭا شېرىن خىيالدۇر
يۈزىگە خال شۇنچە ياراشقاندۇرەي…يار
قوللىرى گۈل ئۆزى چىچەندۇر
سۆزى شىرىن بويى لىۋەندۇر
سىنى كۆرۈپ ئەقلىم ئاداشقاندۇرەي…يار
باھاردا ئېچىلار گۈل
يوللارغا چېچىلار گۈل
ۋەسلىڭگە زار كۆڭۈل
يۈرەكنى قىلما كۈل
باھاردا ئېچىلار گۈل
يوللارغا چېچىلار گۈل
ۋەسلىڭگە زار كۆڭۈل
يۈرەكنى قىلما كۈل
مۇزىكا
ئشقىدا مەن كۆيۈپ ئۆتەرمەن
يولىغا زار بولۇپ ئۆتەرمەن
ئۇنى ئويلاپ ئەلەم يۈتەرمەن ھامان
ۋىسالىغا قاچان يىتەرمەن
كۈتتۈم يەنە قانچە كۈتەرمەن
ئازابىغا قانداق كۆنەرمەن ھامان
باھاردا ئېچىلار گۈل
يوللارغا چېچىلار گۈل
ۋەسلىڭگە زار كۆڭۈل
يۈرەكنى قىلما كۈل
باھاردا ئېچىلار گۈل
يوللارغا چېچىلار گۈل
ۋەسلىڭگە زار كۆڭۈل
يۈرەكنى قىلما كۈل
مۇزىكا
گەپ سورىسام جىم ئۈندىمەيدۇ
ماڭا ئەسلا پەرۋا قىلمايدۇ
شۇنچە قىلسام مىنى بىلمەيدۇ جانان
نىچۈن ھالىم ئاڭا يەتمەيدۇ
ئادا قىلىپ ماڭا كۆيمەيدۇ
كۆڭۈل بېرىپ مىنى سۆيمەيدۇ جانان
باھاردا ئېچىلار گۈل
يوللارغا چېچىلار گۈل
ۋەسلىڭگە زار كۆڭۈل
يۈرەكنى قىلما كۈل
باھاردا ئېچىلار گۈل
يوللارغا چېچىلار گۈل
ۋەسلىڭگە زار كۆڭۈل
يۈرەكنى قىلما كۈل
制作滚动歌词人:Batur-巴图尔
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑