SAHRA

歌手: Daniyar-Abduwali • 专辑:SAHRA • 发布时间:2023-06-19
ساپ ھاۋا سالقىن شامال سۇلار ئوينار
گۈلگە قونغان شەبنەملەر شۇنچە پارلار
مېھماندوست خەلقى ساددا خەلقى ئىشچان
سەھرا سەھرا
ئاسمىنىڭدا زۆھرا
ئېتىزلىرىڭ داستان
ئېرىقلىرىڭ مىسرا
سەلتەنەتلىك شەھەرلەرگە ئانىسەن
ئانا تۇرۇپ شۇنچە گۈزەل رەناسەن
چۆچەكلەردەك بىر ساماۋى دۇنياسەن
سەھرا سەھرا
ئاسمىنىڭدا زۆھرا
ئېتىزلىرىڭ داستان
ئېرىقلىرىڭ مىسرا
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑