Boldi Kilayli(算了吧)

歌手: Nurali Awut • 专辑:Boldi Kilayli(算了吧) • 发布时间:2023-09-26
编曲 : Mardan Turghun
بولدى قىلايلى
زىدە قىپ بولدۇڭ يۈرەكلىرمنى
غازان قىپ بولدۇڭ تىلەكلىرمنى
ئۆزۈڭ ئۈچۈردۈڭ كۈيەكلىرىمنى
بۇنداق سۆيگۈنى بولدى قىلايلى
ئۆزۈڭ ئۈچۈردۈڭ كۈيەكلىرىمنى
بۇنداق سۆيگۈنى بولدى قىلايلى
ئۇيۇنلۇرۇڭنى  بىلمەيدۇ دىمە
يالغاندىن مىنىڭ غېمىننى يىمە
نەزىرىڭدە مەن مەن زادى نىمە
جايىڭدا توختا بولدى قىلايلى
نەزىرىڭدە مەن مەن زادى نىمە
جايىڭدا توختا بولدى قىلايلى
مۇزىكا
كەينىڭدە يۈردۈم غېمىڭنى قىلىپ
قويمۇدۇڭ زەرچە كۈزۈڭگە ئېلىپ
خەپ دىدىم نەچچە ئىچىمگە تىنىپ
بەرداشىم توشتى بولدى قىلايلى
خەپ دىدىم نەچچە ئىچىمگە تىنىپ
بەرداشىم توشتى بولدى قىلايلى
سەندىن ئايرىلىپ ئېچىنسام مەيلى
يىپسىز مارجاندەك چېچىلسام مەيلى
دەردى بىتاپ بوپ يىقىلسام مەيلى
سۆزلۈرۈم تامام بولدى قىلايلى
دەردى بىتاپ بوپ يىقىلسام مەيلى
سۆزلۈرۈم تامام بولدى قىلايلى
سۆزلۈرۈم تامام بولدى قىلايلى
بولدى قىلايلى
歌词贡献值:Hazritiomar
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑