BUGUN BIZ OYNAYMIZ

歌手: AMax • 专辑:A.M.A.X • 发布时间:2023-10-07
作词 : AMax
 作曲 : AMax
 编曲 : AMax
سەت ئەركىن
نېمىدىگەن ئاخسا بۇ رېتىم
تەمكىن بولۇپ تۇرۇۋامما سەن جىم
بۈگۈن بىزنى توسالماس ھېچكىم
بولما سەن غەمكىن
ۋىڭ ۋىڭ ماينى دەسسەپ ھە
مانا بىز ماڭىمىز ئەڭ دەسلەپتە
مۇزىكىنىڭ ئاۋازىنى پەسلەتمە
سەن كونا ئىشلانى ماڭا ئەسلەتمە
بۈگۈن بىزنىڭ بۇ سەھنە
ئۇدارغا مەن بىلەن تەڭ سەكرە
ۋاقىت تېخى بالدۇر
دوستۇم ئۆيگە ئالدىراپ كەتمە
مۇھىم ئەمەس
ساڭا بولغان خەقتىكى كۆز قاراش
مۇھىم ئەمەس
قىغىنىڭ ھەممە ئادەمگە ياراش
مۇھىم ئەمەس
ئادەتتە بولساڭمۇ بەك ياۋاش
ئەي ئاداش ئەڭ مۇھىمى بۈگۈن ئېچىلىپ ئوينا شاش
بۈگۈن بىز راسا ئوينايمىز(دوستۇم)
بۈگۈن بىز ئوخشىمايمىز(ھېچكىمگە)
بۈگۈن بىز قاس ئوينايمىز(دوستۇم)
بۈگۈن بىز توختىمايمىز
ئەمدى چىقىمىز ئەۋجىگە
خوش دەپ غەملىگە
ئوخشاپ تەلۋىگە
كەيپىيات چىقسۇن يۇقىرى پەللىگە
يانما كەينىگە
بۇ سورۇن مېنىڭ ئويۇن سېنىڭ ئوينا كەڭ تاشا
ھايات سەن بىزگە بىر قېتىم
ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا
بولمىسۇن
ئارتۇقچە ئوي خىيال كاللاڭدا
تۇيمىسۇن
تەنلىرىڭ ئۇدارغا سەكرەپ ھارغاندا
قالمىسۇن
بۈگۈن كەش ھېچبىركىم ئارماندا
ئوينىسۇن
كېچىنى ئۇلاشتۇرۇپ تاڭغا
مۇھىم ئەمەس
ساڭا بولغان خەقتىكى كۆز قاراش
مۇھىم ئەمەس
قىغىنىڭ ھەممە ئادەمگە ياراش
مۇھىم ئەمەس
ئادەتتە بولساڭمۇ بەك ياۋاش
ئەي ئاداش ئەڭ مۇھىمى بۈگۈن ئېچىلىپ ئوينا شاش
بۈگۈن بىز راسا ئوينايمىز(دوستۇم)
بۈگۈن بىز ئوخشىمايمىز(ھېچكىمگە)
بۈگۈن بىز قاس ئوينايمىز(دوستۇم)
بۈگۈن بىز توختىمايمىز
do do do re mi fa so la si do
سەكرە شوخ شوخ بۇ رېتىمغا كېلۋاتىدۇ
ھەممە كۆزلە ھەۋەستە بىزگە قارىشىدۇ
ئوينا ئەركىن نەپەستە بىزگىمۇ يارىشىدۇ
بولمىسۇن
ئارتۇقچە ئوي خىيال كاللاڭدا
تۇيمىسۇن
تەنلىرىڭ ئۇدارغا سەكرەپ ھارغاندا
قالمىسۇن
بۈگۈن كەش ھېچبىركىم ئارماندا
ئوينىسۇن
كېچىنى ئۇلاشتۇرۇپ تاڭغا
(!!!ھە شوخ)
بۈگۈن بىز راسا ئوينايمىز(دوستۇم)
بۈگۈن بىز ئوخشىمايمىز(ھېچكىمگە)
بۈگۈن بىز قاس ئوينايمىز(دوستۇم)
بۈگۈن بىز توختىمايمىز
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑