unut

歌手: xukrat-karligaq • 专辑:unut • 发布时间:2023-11-25
作词 : xukrat-karligaq
作曲 : xukrat-karligaq
编曲 : xukrat-karligaq
ئاچچىق يۈتمە يىغلىۋال جانان.
ئاچچىق يۈتۈش يىغىدىن يامان.
بەزەن ياشاش ئۆلمەكتىنمۇ تەس.
بېشىغا كەلسە بىلىدۇ ئېنسان.
ئالتۇن ھەلدىن بەرسىمۇ بېزەك.
قەپەس ئىچىدە نالە قىلار قۇش.
بىرنى بېرىپ مىڭغا كۆندۈرۈپ.
تاۋلاپ چىقار ئادەمنى تۇرمۇش.
خوشال ياشاي دېسەڭ ئەگەردە.
ئۈمۈد كۈتمە ياتتىن زىيادە.
ئېتىڭ ھارسا ئۆزۈڭگە تايان.
تېنىڭ ساقتۇر ماڭساڭ پىيادە.
تۆت پەسىل ياز كۈلگەن قەلىپتە.
سۇنۇق دىلدىن كېتەلمەيدۇ قىش.
ئۇنتۇپ كەتكىن ئۇنتۇيدىغاننى.
ئۇنتۇلمايدۇ ئەسلەنگىدەك ئىش.
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑