Otigizni Yaktigiz

歌手: Abdulla-Offical • 专辑:otigizni yaktigiz • 发布时间:2024-01-18
لاچىن قوندى تىرەككە ئوتنى سالدى يۈرەككە ئوتنى سالدى يۈرەككە
ھەرگىز كۆڭۈل بەرمەيمەن قارا كۆزدىن بۈلەككە قارا كۆزدىن بۈلەككە
گۈل ئېچىلغان شۇ باغدا نادانكەنمىز ئۇ چاغدا نادانكەنمىز ئۇ چاغدا
چۈشەنمەي يار قەدرىنى بىز قالدۇق بۈگۈن داغدابىز قالدۇق بۈگۈن داغدا
چۈشەنمەي يار قەدرىنى بىز قالدۇق بۈگۈن داغدابىز قالدۇق ئەجەپ داغدا
ئوتىڭىزنى ياقتىڭىز دورىنى چاچتىڭىز
ئەجەپ نامەرت بالىكەنسىز
بىزنى تاشلاپ قاچتىڭىز
مەلىڭىزدە جىگدىلىك
ۋاي يىلىم ئالغان ئۆزىڭىز
مەن سىزگە كۆيمەس چاغدا
كۆيدىرىۋالغان ئۇزىڭىز
راۋابىڭنى ئال يارىم
بېرىپ چۆللەردە چال يارىم
بىرىپ چۆللەردە چال يارىم
سەن مۇساپىر مەن غىرىپ
مىنى كەينىڭگە سال يارىم
مىنى قوينۇڭغا ئال يارىم
دۇتتارىم ئون بەش پەدە
باش پەدە يامان پەدە
ئوينىغىلى قويمامسەن
كۆڭلۇم خالىغان يەدە
تۆت پەدىگە چالمايتتىم
چالدۇرغان مىنىڭ يارىم
راست گىپىڭنى ئىيتساڭچۇ
ئەجەپ قىينالدى بۇ جانىم
بۇلبۇل تولا سايرايدۇ
گۇل شاخىگە قونسام دەپ
ياتسام ئۇيقۇم كەلمەيدۇ
سەن يارىمنى كۆرسەم دەپ
ئىگىز ئىگىز پىشايۋان ئا گۇليالا
مەن ياتمايمەن ئۇزەڭ يات
يار دىگەندەك سەندەك بولسا
ۋاي يار تۇتمايمەن پەندىيات
گۇل قۇمۇشقا ئوت ياقسا
گۇل تۇرسا كۇيەپ كەتسە
كۇيەشكەن يار ئىرىشسە
بولمىسا ئۇلەپ كەتسە
بولمىسا ئۇلەپ كەتسە
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑