Anam Muhabbat Dadam Bahit

歌手: Dilara Abduxukur • 专辑:Anam Muhabbat Dadam Bahit • 发布时间:2024-01-29
مۇھەببەت تېرىدى سۆيۈملۈك دادام
ھاياتنىڭ شاۋقۇنسىز خىلۋەت يېرىدە
مېھرىدىن سۇ سەپتى، باغرىدىن ئاتەش
ئېچىلدى پورەكلەپ گۈلى بەرگىدە
يۈرىكى گۈلخاندىن پۈتۈلگەنمىكىن
مۇھەببەت تارايدۇ بىر جۈپ كۆزىدە
مۇزىكا
پاكلىقنى كۈيلىدى مېھرىبان ئانام
دۇنياغا كۆزىنىڭ قىرىن سالمىدى
ئۆزىگە تەئەللۇق ھەربىر يۈرەككە
مېھرىنى ئايىماي بېرىش تاللىدى
نۇرانە چىھرىدىن، شېرىن سۆزىدىن
ئانىلىق مېھرىنى مەھكەم باغلىدى
مۇزىكا
ئاددىيلا ياشىدى شۇ بۈيۈك دادام
چۈنكى ئۇ ھاياتنىڭ تېگىگە يەتتى
ئاقلىقنى يار تۇتتى كۆيۈمچان ئانام
بىز ئۈچۈن بارىنى ئاتاپلا ئۆتتى
ئانامدۇر مۇھەببەت، دادامدۇر بەخت
چېھرىدىن كۈلكىلەر يانغاي ھەرۋاقىت
ئانامدۇر مۇھەببەت، دادامدۇر بەخت
چېھرىدىن كۈلكىلەر يانغاي ھەرۋاقىت
چېھرىدىن كۈلكىلەر يانغاي ھەرۋاقىت
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑