Anamdak

歌手: anwar hakim • 专辑:Anamdak • 发布时间:2024-03-31
作曲 : anwar hakim
ماڭا كۈيۈپ يۈرگەنلە,
كۆيەلمەسكەن ئانامدەك,
مىنى ئەسلا يۈرەكتىن,
سۆيەلمەسكەن ئانامدەك,
مەن يىغلىسام يۈرۈگى,
پارە بۇلۇپ مەن ئۈچۈن,
بەخىت تاپسام شاتلىنىپ,
كۆلەلمەسكەن ئانامدەك,
بىر ئۆمۈرلۈك دوستۇم دەپ,
ئىشەنگىنىم سىردىشىپ,
سىرلىرىمنى كۆڭلىگە,
كۆمەلمەسكەن ئانامدەك,
سىنىڭ ئۈچۈن جىنىمدىن,
كىچىمەن دەپ يۈرگەنلە,
ۋاختى كەلسە مەن ئۈچۈن,
ئۆلەلمەسكەن ئانامدەك,
ئاكا ئۇكا قىرىنداش,
بىر بولسىمۇ قىنىمىز,
ئاغىرىپ ياتسام بىشىمىدا,
تۆنەلمەسكەن ئانامدەك,
بىر ياستۇققا باش قويغان,
ئايالىم ھەم بالاممۇ,
مۇشاقەتتە ۋاي سىماي,
ئۆتەلمەسكەن ئانامدەك,
مىنى ھەريان ئۇچۇرسا,
بۇ ھاياتنىڭ بورانى,
ھىچكىم ماڭا ئەگىشىپ,
كىتەلمەسكەن ئانامدەك,
بەخىت مەندىن يىراقلاپ,
زىمىستانغا يۈزلەنسە,
كىلەر بىر كۈن باھار دەپ,
كۈتەلمەسكەن ئانامدەك,
ئانا دىگەن ئەڭ ئۇلۇغ,
ئىنسان ئىكەن ئەسلىدە,
بۇدۇنياغاقىممەتلىك,
مىھمان ئىكەن ئەسلىدە,
پەرزەت ئۈچۈن يىقىلغان。
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑