RASGAP QILSAM

歌手: ABDUQEYUM • 专辑:ay yuzlugum • 发布时间:2024-04-19
作词 : 无
作曲 : 无
编曲 : 无
راسىت گەپ قىلسام 

غۇنچە بويلۇق بىر گۈزەل سەن
 سەن  نېمانچە چىرايلىق سەن
 جادۇ كۆزلۈك قەلەم قاشلىق .
  گۈزەللەرنىڭ گۈزەلى سەن

قىيا بېقىپ كۆيدۈرەمسەن
يەنە شۇنچە بىپەرۋا سەن
كۆيگىنىمنى بىلىپ تۇرۇپ .
كۆڭۈل بەرمەي ئۆلتۈرەمسەن 

راست ، راست ، راست گەپ قىلسام
 سېنى بىر كۆرۈپ كۆيدۈم 
 راست ،  راست  راست گەپ قىلسام
  پىراقىڭدا كۈل بولدۇم

گۈزەل ھۆسنۈڭگە شەيدا مەن .
سېنىڭ ئىشقىڭدا سەۋدا مەن .
قاچما يارىم مەندىن  بۇنچە .
ھامان يولۇڭدا پەيدا مەن . 

  بىر كۆرۈپلا كۆيدۈم ساڭا .
دەستە گۈللەر  تۇتتۇم ساڭا ؟
 خىيالىڭدا ئېيتقىن كىم بار ؟
 پەرۋا قىلماي كەتتىڭ ماڭا .

راست ، راست ، راست گەپ قىلسام
سېنى بىر كۆرۈپ كۆيدۈم 
راست ،  راست  راست گەپ قىلسام
 پىراقىڭدا كۈل بولدۇم

 يۈرەگىمدىن سۆيدۈم سېنى .
 چىن ئاشىق مەن چۈشەن مېنى .
 پاك سۆيگۈمنى خار قىلماي يار .
 پەرھات بولۇپ كۈتەي سېنى .
 
 سەن لەيلى سەن مەجنۇنىڭمەن .
 قاش كۆزۈڭگە مەپتۇنىڭ مەن
 يارىم كۆڭۈل بەرگىن ماڭا .
 مەڭگۈ سادىق ئاشىغىڭ مەن .

 راست ، راست ، راست گەپ قىلسام
 سېنى بىر كۆرۈپ كۆيدۈم 
 راست ،  راست  راست گەپ قىلسام
  پىراقىڭدا كۈل بولدۇم
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑