yiGana aXik(白日星)

歌手: reXmi • 专辑:manZilim oLum • 发布时间:2024-04-10
作词 : reXmi
 作曲 : reXmi
 编曲 : reXmi
ئاشىقمەن يىگانە
باشلاندى ھىكايە
تۇنجى مەشۇقۇمغا
بەرگۈم يوق خاتىمە
تەنھا قالدىم ئۆزۈم
تىلدا قالدى سۆزۈم
كەتتىڭ بەكلا يىراق
ھەتتا يەتمەس كۆزۈم
پەقەت مەن ئىزدىمىسەم كەلمەس ھېچكىمدىن ئۇچۇر
يوقاپ كەتسەم قانچىلىك كەلمەيدۇ بىر تېلىفۇن
ئۆزگىلەرنىڭ كەتكىنى خىيالىمغا كىرمەيدۇ
ساڭا كۆنگەن بۇ يۈرەك بىل ئۆزگىگە كۆنمەيدۇ
بىرچاغلاردا يۈرگەنتۇق شۇنچە خۇشال ھەم غەمسىز
ئايرىلدۇقمۇ سەۋەبسىز،كېتىپ قالدىڭ خەۋەرسىز
ماڭا بەرگەن سوۋغىتىڭ،ئىزچىل ھەمراھ يېنىمدا
ھەردەم سېنى ساقلايمەن جان بولسىلا تېنىمدا
ئايرىلىشىڭ بىلەن تەڭ،ئاز قالغاندەك كۈنلۈرۈم
قايتا كۆرۈشەي دېسەڭ،يېتەرمۇ مېنىڭ ئۆمرۈم
ئاشىقمەن يىگانە باشلاندى ھىكايە
تۇنجى مەشۇقۇمغا بەرگۈم يوق خاتىمە
تەنھا قالدىم ئۆزۈم تىلدا قالدى سۆزۈم
كەتتىڭ بەكلا يىراق ھەتتا يەتمەس كۆزۈم
ئاشىقمەن يىگانە باشلاندى ھىكايە
تۇنجى مەشۇقۇمغا بەرگۈم يوق خاتىمە
تەنھا قالدىم ئۆزۈم تىلدا قالدى سۆزۈم
كەتتىڭ بەكلا يىراق ھەتتا يەتمەس كۆزۈم
ئوخشاتتىم بۇ مۇھەببەتنى كېچە ۋە كۈندۈز
قانداقسىگە ئاي چىقمىسا چاراقلار يۇلتۇز
بەلكى يۇلتۇزلارنىڭ تاللىشى كەچ بىر ئايغا ھەمراھ بولۇش
شۇڭا قۇياش ئاخشىمى يوق كۈندۈزى يالغۇز
ئۆز قولىمىزدا خازان بولغان مۇھەببەتنىڭ قايغۇسى
بارچە سادا ھەممىسى چەكسىز نالەم چالغۇسى
چۈشەنمەيمەن قانداق ئىكەن بىۋاپانىڭ تۇيغۇسى
مەشۇقنىڭ قانداق كەلگەندۇ ئاشىق يۈرەكنى ئەزگۈسى
ئەمدى كۆزلەر قايتا ئۇچراشسا بىر بىرىدىن ئېپ قاچار
چۈنكى بولدۇق ناچار، مۇھەببەتكە قەرزدار
ئېسىڭدىمۇ ئاشۇ چاغدا قوش يۈرەك ئويغان دىۋار
ئىسمىمىزنىڭ باش ھەرپى،بولدى ئەمدى بىمار
قالغان ئۆمرۈم ئۆتسە مەيلى بىر سېنى ساقلاش بىلەن
مەيلى يايراپ كەلگىن كۆڭلۈك تارتقان شۇ خەقلەر بىلەن
خىجىل بولما تارتىنما
مەيلى قانداق ئىشلار بولسا ھەممىسى تەقدىر
توغرا كۆرسەڭ كېلىپ يەنە ئىزلە
قاچان تاشلانساڭ شۇ چاغدا مېنى ئىزلە
مەن يەنىلا سېنى سۆيىمەن دەپ سۆزلەي
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑