Omah(翻唱完整版)

歌手: Cybersound • 专辑:「精选」网络火歌翻唱超好听20 • 发布时间:2024-07-22
مۇزىكا
باغ ھويلاڭدا باغچاڭ مەن
سارايغا سالغان زىلچاڭ مەن
باغ ھويلاڭدا، باغچاڭ مەن
سارايغا سالغان زىلچاڭ مەن
قاچان بىلەرسەن قەدرىمنى ئەي ئوماق ئوماق
باياۋاندا تامچاڭ مەن
ئا سۆيەلەمسەن يارمىنى
قاچان بىلەرسەن قەدرىمنى ئەي ئوماق ئوماق
باياۋاندا تامچاڭ مەن
ئا سۆيەلەمسەن يارمىنى
مۇزىكا
باغ ئايلىنىپ، شاد خۇرام
ئۇچقان كىمنىڭ كەپتىرى
باغ ئايلىنىپ، شاد خۇرام
ئۇچقان كىمنىڭ كەپتىرى
ھېچ يادىمدىن كەتمەيدۇ ئەي ئوماق ئوماق
سەن يارىمنىڭ گەپلىرى
ئا سۆيەلەمسەن يارمىنى
ھېچ يادىمدىن كەتمەيدۇ ئوماق ئوماق
سەن يارىمنىڭ گەپلىرى
ئا سۆيەلەمسەن يارمىنى
جانىم ھەي خانىم ھەي
بويۇڭ دىن ئۆرگىلەي يايرىم
قىزىل گۈل ئاراسىدا دادەي
بويۇڭنى كۆرۈپ قالدىم
قىزىل گۈل ئاراسىدا دادەي
بويۇڭنى كۆرۈپ قالدىم
ئېيتمىغانغا بولمايدۇ
مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم دادەي
مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم
جانىم ھەي خانىم ھەي
بويۇڭ دىن ئۆرگىلەي يايرىم
مۇزىكا
قىزىل گۈلنى دېمىسەم دادەي
غۇنچىسىنى ئۈزگۈم يوق
قىزىل گۈلنى دېمىسەم دادەي
غۇنچىسىنى ئۈزگۈم يوق
سەن يارىمنى دېمىسەم
بۇ شەھەرلەردە يۈرگۈم يوق دادەي
بۇ شەھەرلەردە يۈرگۈم يوق
جانىم ھەي خانىم ھەي
بويۇڭ دىن ئۆرگىلەي يايرىم
ئىچىم قاينايدۇ قاينايدۇ قازاندا قاينىغان چايدەك
ئىچىم قاينايدۇ قاينايدۇ قازاندا قاينىغان چايدەك
ياش ئۆمرۈم بىكار ئۆتتى ئايلانمەن قارا كۆز
چۆرگىلىمەن قارا كۆز
ئېچىلماي توزىغان گۈلدەك يا دەيمەن، ئىلاجىم يوق
ئېچىلماي توزىغان گۈلدەك يا دەيمەن، ئىلاجىم يوق
مۇزىكا
قاپقارادۇر قاشىڭىز يەلپۈنەدۇساچىڭىز
قاپقارادۇر قاشىڭىز يەلپۈنەدۇساچىڭىز
سىزگە نېمە دەرت كەلدى
ئايلان مەن قارا كۆز
چۆرگۈلىمەن قارا كۆز
تۈكۈلىدۇ ياشىڭىز يار دەيمەن، ئىلاجىم يوق
تۈكۈلىدۇ ياشىڭىز جىنىم يار دەيمەن، ئىلاجىم يوق
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑