Yihlaydu kiz

歌手: xapaat osman • 专辑:Yihlaydu kiz • 发布时间:2024-08-14
ۋەدە بېرىپ سۆيۈپ ئەمما ئالدىسا ، 
سېغىندىم دەپ كۆزلىرىدىن چاندۇرسا . 
چىن يۈرەككە ساختا سۆيگۈ ياندۇرسا 
ئاجىز قىزلار دەل شۇ چاغدا يىغلايدۇ . 
بىلىپ تۇرۇپ سەۋر بىلەن يىغلايدۇ . 
يىغلايدۇ قىز يىغلايدۇ بىلىپ تۇرۇپ يىغلايدۇ 
نەپرەت بىلەن ئاچچىق يۈتۈپ يىغلايدۇ 
يىغلايدۇ قىز يىغلايدۇ سېزىپ تۇرۇپ يىغلايدۇ 
نەپرەت بىلەن ئاچچىق يۈتۈپ يىغلايدۇ 
ھاياتىم دەپ گۈل سۇنىدۇ بەزىدە 
سەن باھارىم دەيدۇ ھەر بىر سۆزىدە 
بىزدە يانغان سۆيگۈ يوقتۇر ئۆزىدە 
نادان يۈرەك دەل شۇ چاغدا يىغلايدۇ 
بىلىپ تۇرۇپ سەۋر بىلەن يىغلايدۇ 
يىغلايدۇ قىز يىغلايدۇ بىلىپ تۇرۇپ يىغلايدۇ 
نەپرەت بىلەن ئاچچىق يۈتۈپ يىغلايدۇ 
يىغلايدۇ قىز يىغلايدۇ سېزىپ تۇرۇپ يىغلايدۇ 
نەپرەت بىلەن ئاچچىق يۈتۈپ يىغلايدۇ 
يىللار ئۆتۈپ ئۇمۇ ئەسلەر ئەسلىنى 
مەيىن شامال ئېپ كەتكەندە ۋەسلىنى 
زىمىستاندا كۈتەر باھار پەسلىنى 
دەل شۇ چاغدا ئۇمۇ سەندەك يىغلايدۇ 
كېچىكىدۇ ئەمما ئۆكسۈپ يىغلايدۇ 
ئېزىپتىمەن كەچۈرگىن دەپ كەلگەندە 
راستمىكىن دەپ قايتا ئۈمۈت بەرگەندە 
خىيانەتنى قايتا قايتا سەزگەندە 
ئاھ بۇ يۈرەك نالە قىلىپ يىغلايدۇ 
بىلسىمۇ گەر ئۈمۈت بىلەن يىغلايدۇ 
يىغلايدۇ قىز يىغلايدۇ بىلىپ تۇرۇپ يىغلايدۇ 
نەپرەت بىلەن ئاچچىق يۈتۈپ يىغلايدۇ 
يىغلايدۇ قىز يىغلايدۇ سېزىپ تۇرۇپ يىغلايدۇ 
نەپرەت بىلەن ئاچچىق يۈتۈپ يىغلايدۇ 
لا لا لا لا 
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑