Yipek Yoli Sadasi《丝绸之路之声主题歌》

作词 : Muhtar Bughra
يىپەك يولى ساداسى

يىپەك يولى ساداسى
سۆيگۈنىڭ يوق چىگراسى
خۇش ئاۋازلار سەيناسى
يىپەك يولى ساداسى

قەدىم يىپەك يولىدا
جاراڭلايدۇ قوڭغۇراق
كېتەر كەڭرى دالاغا
كۈي ناخشىمىز بەك يىراق

كۈمۈش تاغلار چوققىسى
نۇر قايتىدۇ يۈرەككە
كۈچ بېرىدۇ ناخشىمىز
تۈمەنلىگەن چېچەككە

بىر يۈرەكتە مىڭلاپ كۆي
كۆز ئاچىدۇ سەھەردە
ئۇلىشىدۇ تويغا-توي
بەخىت تىلەپ سەپەردە
ئىنسان پىشار سەپەردە
بەختى گۈللەر سەھەردە
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑