Kaysigla

歌手: Mutalipjan Kawul • 专辑:Kaysigla • 发布时间:2024-09-23
سورايچۇ دوس دىگەنلەردىن،
بارىمنى تەڭ يىگەنلەردىن.
سورايچۇ دوس دىگەنلەردىن،
بارىمنى تەڭ يىگەنلەردىن.
مىنى نادان كۆرگەنلەردىن،
مىنىڭ چىن دوستۇم قايسىڭلار.
مىنى نادان كۆرگەنلەردىن،
مىنىڭ چىن دوستۇم قايسىڭلار.

كۈنۈم جاپادا قالغاندا،
ھايات ئەلەمگە سالغاندا.
ھايات ئەلەمگە سالغاندا.
غىرىپ سازىمغا چالغاندا،
يىنىمدا بارى قايسىڭلار.
غىرىپ سازىمغا چالغاندا،
يىنىمدا بارى قايسىڭلار.

سىناق قىستاقتا قويغاندا،
ھىجران بىشىمغا قونغاندا.
سىناق قىستاقتا قويغاندا،
ھىجران بىشىمغا قونغاندا.
سىلەرگە ھاجەت بولغاندا،
دوستۇم دىگەن قايسىڭلار.
سىلەرگە ھاجەت بولغاندا،
دوستۇم دىگەن قايسىڭلار.

يەنە مەغرۇر مىنىڭ قەددىم،
سىلەردە يوق مىنىڭ قەدرىم.
يەنە مەغرۇر مىنىڭ قەددىم،
سىلەردە يوق مىنىڭ قەدرىم.
ئەجىر ئەمەس مىنىڭ ئەجرىم،
بىلىپ يەتتىڭلار قايسىڭلار.
ئەجىر ئەمەس مىنىڭ ئەجرىم،
بىلىپ يەتتىڭلار قايسىڭلار.

سۆزۈم تامام بولۇپ كەتكەي،
ئاتالمىش دوس قۇرۇپ كەتكەي.
سۆزۈم تامام بولۇپ كەتكەي،
ئاتالمىش دوس قۇرۇپ كەتكەي.
نادان كۆڭلۈم ئىشىك ئەتكەي،
ياد ئەتتىڭلار قايسىڭلار.
نادان كۆڭلۈم ئىشىك ئەتكەي،
ياد ئەتتىڭلار قايسىڭلار.
مىنىڭ چىن دوستۇم قايسىڭلار.
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑