Xahla Kozung 现场版

歌手: Eminjan Yusup • 专辑:今天谁在录音棚 • 发布时间:2024-11-23
作词 : Eminjan Yusup
作曲 : Eminjan Yusup
شەھلا كۆزۈڭ
سۆزى:مامۇت زايىتنىڭ
مۇزىكىسى: ئىمىنجان يۈسۈپنىڭ
نۇر گۈزەللىك بەرق ئۇرار، -
چولپان كەبى چاقناپ تۇرار،
قىيا بېقىپ جاننى ئالار،
سېنىڭ شەھلا كۆزۈڭ.

قۇياش كەبى نۇرلار چاچار،
پاك سۆيگۈگە قۇچاق ئاچار،
مېھرى ۋاپانىڭ بۇلىقى،
سېنىڭ شەھلا كۆزۈڭ.
سېنىڭ كۆزۈڭ، سېنىڭ كۆزۈڭ
سېنىڭ شەھلا كۆزۈڭ!

چىن ۋاپا بىلەن سۆيدۈرگەن،
يۈرەكنى ئوتتا كۆيدۈرگەن،
كۆڭۈللەرنى سۆيۈندۈرگەن،
سېنىڭ شەھلا كۆزۈڭ.
كۈلۈپ تۇرسۇن دائىم خۇشال،
نېسىپ بولسۇن بەخت ۋىسال، 
كۆڭۈلنى مەپتۇن ئەيلىگەن،
سېنىڭ شەھلا كۆزۈڭ.
سېنىڭ كۆزۈڭ، سېنىڭ كۆزۈڭ
سېنىڭ قارا كۆزۈڭ،
سېنىڭ شەھلا كۆزۈڭ!
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑