Kel

歌手: Yusupjan Mijit • 专辑:Kel • 发布时间:2024-11-25
作词 : Yusupjan Mijit
作曲 : Yusupjan Mijit
编曲 : Yusupjan Mijit
كەل
كەل نىگار، باغرىمدىكى ئىنتىزار گۈللەر ساڭا.
گۈل بىلەن سىرداش بولۇپ بىقارار كۆزلەر ساڭا.
كەل نىگار، ھەسرەتلىرىم بەرمىدى ھېچ بىر ئارام .
كەل سېغىنىشىڭنى بايان ئەيلىسۇن تۈنلەر ساڭا.
كەل نىگار، نىدالىرىڭ يەتسە قەلبىڭگە ئەگەر.
ئاي يۈزۈڭنى كۆرگىلى يول ئاچار كۆكلەر ساڭا.
كەل نىگارىڭ ئىزلىسەڭ دەردلىرىڭنىڭ ۋەجىنى .
كەل ئالەم ياش تۆكۈپ مەن ئۈچۈن سۆزلەر ساڭا.
كەل كەل، ئىنتىزار گۈللەر ساڭا.
كەل نىگار كەل، بىقارار كۆزلەر ساڭا.
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑