Aslap koy-ReQip

歌手: ReQip0998 • 专辑:Aslap koy • 发布时间:2024-12-29
ئەسلەپ قوي
词:MC-5
曲:MC-5
编曲:多芬DolBeatz
خۇددى كۈزنىڭ يوپۇرمىقى تۆكۈلگەندەك
ئەتراپىمدا ساپ سىزنىڭ سايىڭىز
خۇددى سېغىنىشنىڭ ئازابى ئۆتۈلگەندەك
كۆز ئالدىمدىن ئۆتىدۇ گۈزەل سىمايىڭىز
مەن ئامراقتىم سىزنى جىلە قىلىشقا
مىنىڭچە بۇ بولسا بەختنىڭ بىر قىسمى
كۈلگەن چىرايىڭىز مىنى مەس قىلسا
ئاشىقلىق مۇھەببەتنىڭ يەنە بىر ئىسمى
تېخى سىنتەبىرنىڭ ئايلىرىدا بىللىتۇق
ئېلى دەرياسىنى قول تۇتۇشۇپ ئايلاندۇق
تىلفۇننىڭ ئىكرانىدا بىزنىڭ رەسىمىمىز
مەڭگۈ ئايرىلمايمىز دەپ ۋەدىلەر بەرگەنتۇق
مىنى قارىغۇ قىلدى مانا بۇ مۇھەببەت
مىنى گاس قىلدى مانا بۇ مۇھەببەت
ئەڭ گۈزەل ئالدامچىلىق سىزنىڭ ۋەدىڭىز
ھايات تۇرۇپ ئۆلتۈردى مانا بۇ مۇھەببەت
كەتسەڭ مەيلى مىنى ئەسلەپ قوي
بىز بىللە ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلەرنى
كەتسەڭ مەيلى مىنى ئەسلەپ قوي
ئىسمىمنى يازغان ناخشامنى
چۈشىڭىزگە كىرسەم سېغىنىپتۇ دەڭ
يامغۇر ياغسا سېغىنىپتۇ دەڭ
شىرىن چۈشۈمدىن ئەمدى ئويغاندىم
كىرپىكىڭىز چۈشسە سېغىنىپتۇ دەڭ جېنىم
كونا جاينى پەقەت ئىككىمىزلا بىلەتتۇق
ۋەدىلەر بەرسەك چىمەلتەكنى ئىلەتتۇق
پىروژنا يەيتتۇق بىللە كىنو كۆرەتتۇق
كىچىچە تىلىفۇندا تاتلىق پاراڭلىشاتتۇق
مۇشۇ ئىشلار سىزنىڭ ئىسىڭىزدە بارمۇ
ياكى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتتىڭىزمۇ
مەن سۆيگۈمنى سىزگە سوۋغا قىلىپ بەرسەم
بۇ ئايرىلىش ماڭا بەرگەن سوۋغىڭىزمۇ
مۇھەببەت بەزىدە ھەسەلگە ئوخشىسا
ئەلۋەتتە بەزىدە زەھەرگە ئوخشايدۇ
مۇھەببەت بەزىدە روھىمنى قۇتۇلدۇرسا
بەزىدە رەھىمسىز قاتىلغا ئوخشايدۇ
كەتسەڭ مەيلى مىنى ئەسلەپ قوي
بىز بىللە ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلەرنى
كەتسەڭ مەيلى مىنى ئەسلەپ قوي
ئىسمىمنى يازغان ناخشامنى
كەتسەڭ مەيلى مىنى ئەسلەپ قوي
بىز بىللە ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلەرنى
كەتسەڭ مەيلى مىنى ئەسلەپ قوي
ئىسمىمنى يازغان ناخشامنى
كەتسەڭ مەيلى مىنى ئەسلەپ قوي
بىز بىللە ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلەرنى
كەتسەڭ مەيلى مىنى ئەسلەپ قوي
ئىسمىمنى يازغان ناخشامنى
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑