Amangul Chatma(New)

歌手: Mawlan Mamateli • 专辑:Amangul Chatma • 发布时间:2025-02-07
سەن قەشقەردە مەن ئاتۇشتا ئوينايمەن
ئامان گۈلۈم ئامانمىـدۇ دەپ ئــويلايــمەن
سەن قەشقەردە مەن ئاتۇشتا ئوينايمەن
ئامان گۈلۈم ئامانمىـدۇ دەپ ئــويلايــمەن
كېچە كۈندۈز جامالىڭنى سېغىنىپ
يارىم ئامانگۈل
ئىسمىڭىزنى ناخشا قىلىپ توۋلايمەن
كېچە كۈندۈز جامالىڭنى سېغىنىپ
يارىم ئامانگۈل
ئىسمىڭىزنى ناخشا قىلىپ توۋلايمەن
مۇزىكا
سەن قەشقەردە مەن ئاتۇشتا ھەسرەتتە
سەن قەشقەردە ئاھ ئۇرساڭ مەنمۇ ھەم دەرتتە
سەن قەشقەردە مەن ئاتۇشتا ھەسرەتتە
سەن قەشقەردە ئاھ ئۇرساڭ مەنمۇ ھەم دەرتتە
شېرىنجاننى قىينىماي كەلگىن ئامانگۈل
يارىم ئامانگۈل
سۆيگۈمىزنى قويمىغان ئېغىر كۈلپەتتە
شېرىنجاننى قىينىماي كەلگىن ئامانگۈل
يارىم ئامانگۈل
سۆيگۈمىزنى قويمىغان ئېغىر كۈلپەتتە
مۇزىكا
لەۋلىرى جانىم لەۋلىرىڭىز
لەۋ ئاستىدا مەڭلىرىڭىز
يۈرىكىمنى كۆيدۈرۈپ
نېمانداق تۈگىمەيدۇ گەپلىرىڭىز
لەۋلىرى جانىم لەۋلىرىڭىز
ئىگىلىدۇ قاس قاس بەللىرىڭىز
يۈرىكىمنى كۆيدۈرۈپ
نېمانداق تۈگىمەيدۇ گەپلىرىڭىز
مۇزىكا
قوناقلىقتىن ئوت ئالساڭ
بىللە ئالايلى ئوتنى
كۆيۈشكەندە تەڭ كۆيگەن
بىللە تارتايلى دەرتنى
قوناقلىقتىن ئوت ئالساڭ
بىللە ئالايلى ئوتنى
كۆرۈشكەندە تەڭ كۆيگەن
بىللە تارتايلى دەرتنى
ئاخشام باردىم مەھەللەڭگە
بارغىنىمنى بىلدىڭمۇ
بارغىنىمنى بىلدىڭمۇ
خوراز چىللاپ تاڭ ئاتتى
يا چىقمايسەن ئۆلدۈڭمۇ
خوراز چىللاپ تاڭ ئاتتى
يا چىقمايسەن ئۆلدۈڭمۇ
ئاچچىق ئۆرۈكنى ئاچ ئېتىمىز
شاخ شۇمبىسىنى قايرىۋېتىمىز
بىزنى ئەسكى دېگەننى
بىز نېمىشقا ياد ئېتىمىز
ئاچچىق ئۆرۈكنى ئاچ ئېتىمىز
شاخ شۇمبىسىنى قايرىۋېتىمىز
بىزنى ئەسكى دېگەننى
بىز نېمىشقا ياد ئېتىمىز
بىزنى ئەسكى دېگەننى
بىز نېمىشقا ياد ئېتىمىز
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑