Axik Kuylirim/我的情歌

歌手: Abdurixit-Yusuf • 专辑:Axik Kuylirim/我的情歌 • 发布时间:2025-03-18
作曲 : Hoji Matkurban
编曲 : Muradel Abdusalam
ئاشىق كۈيلىرىم  
 تېكىسىتى: ئابلەت ئىسمايىلنىڭ  مۇزىكىسى: غوجى مەتقۇربان ئاككوردلاشتۇرغۇچى: مۇرادىل ئابدۇسالام  
ئاشىق كۈيلىرىم ئاشىق ساداسى 
بولۇپ مەن ئەزەل كۈيلەر شەيداسى 
شامۇ سەھەرلەر ناخشا ئېيتىمەن 
غەزەلخان قىلغان ئىشقنىڭ سەۋداسى 
غەزەل دەردىمنىڭ مەلھەم داۋاسى
مەن شۇنداق غەزەلخان ئەلنىڭ بالىسى  
ئاشىق كۈيلىرىم سۆيگۈ ناۋاسى 
مەن گويا لەيلىنىڭ مەجنۇن سەۋداسى
ئالەمدە ئاشىققا داۋا يوق دەيدۇ
يار ۋەسلى ئۇنىڭ مەلھەم داۋاسى 
غەزەل دەردىمنىڭ مەلھەم داۋاسى
مەن شۇنداق غەزەلخان ئەلنىڭ بالىسى  
ئاشىق كۈيلىرىم مۇڭلارغا ھەمدە 
باغرى قان بۇلبۇلمەن باغۇ چىمەندە
 قىزىل گۈل ئىشقىدا ئۇرارمەن خەندە
بىلدىڭمۇ جاھاننىڭ گۈلى رەناسى 
غەزەل دەردىمنىڭ مەلھەم داۋاسى
مەن شۇنداق غەزەلخان ئەلنىڭ بالىس  
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑