Dimidi

歌手: Ablikim-Eziz • 专辑:Dimidi • 发布时间:2025-05-21
作词 : Ablikim-Eziz
作曲 : Ablikim-Eziz
编曲 : Ablikim-Eziz
يار ئۆزى بىر كەلمىدى، يا بىر كېلەمسەن دېمىدى،,
يا سۆيۈشنى بىلمىدى، ياكى سۆيەمسەن دېمىدى.
كۈن ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ، ھىجراندا قالدىم تەلمۈرۈپ،,
يىغلىتىپ ئۆتتى تالاي، ھېچ بىر كۈلەمسەن دېمىدى.
باغدا كاككۇك سايرىسا ھالىمنى ئاندىن بىلدى يار،,
«مەن باراي، زەينەپ كەبى ئاھلاپ يۈرەمسەن» دېمىدى.
چۈشلىرمگە كىرسە دەپ ياد ئەتكىنمچە ئاتتى تاڭ،,
«ھەر كېچەڭدە كۈل بولۇپ ئۆتتا كۆيەمسەن» دېمىدى.
بۇ ئىشىق غەۋغاسىدا مەن كەبى دىۋانە يوق,
چاڭقىدى قەلبىم دېسەم، «سۆيگۈ تىلەمسەن» دېمىدى.
بىر جاھان پاتقان كۆڭۈل شۇ جانانغا تار كېلىپ،,
يىغلىسان «ھالىڭ نېچۈك؟ دەتتە ئۆلەمسەن؟» دېمىدى.
دوستلىرىم، ئەيتىڭ نىگارغا، بىر كېلىپ كۆرسۇن مېنى،,
جان تەسەددۇق ئەيلىسەم «يالغۇز ئۆتەمسەن» دېمىدى。
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑