2A

歌手: 7even Jaris • 专辑:2A • 发布时间:2025-08-11
作词 : 7even Jaris
 作曲 : 7even Jaris
 编曲 : 7even Jaris
ئېي ئېي قىلغان سورۇندا چاچقان پۇلنى بەرمىدى
بەش يۈز كويدىن توغرىلاشسا ئەللىك كوينى تەڭلىدى
پورتمالىدا پۇل بار ئۇنىڭ بىزنى ياۋاش تاپتىمۇ
سەتلەشتۈردۇق سورۇندا ئىككىنچىلەپ كەلمىدى
ئۈستەللەرگە چىلىم بىلەن تىزىۋەتتۇق قورۇما
يالغانلاردىن تېلېفون كۆتۈرۈپ قانچە پۇل دەپ سورىما
قىيىنچىلىق بولسا دە ساختىپەزنى دورىما
مەن چاقىرسام ئۇكام سېنى ئاغىنەڭنى توۋلىما
مېھمان قىلە دەپسەن مېنى مېھمان قىلغۇدەك كىمتىڭ
قورساق ئاچسا ئۆيگە بار نان ئېلىپ بېرەي يەمتىڭ
نەدە بىكارلىق سورۇن بولسا قالمايدىغان گۇيلارغا
جارىس بېرىپ دەككىسىنى تېتىيدىغان تەمتىم
ھە رەسۋائىڭنى چىتقا يايدى جارىس
ئوغۇل بالىدەك ياشاپ كەلدۇق پەس ئىشتىن بىز خالىس
داشمىيىپ مېيىپ ئولتۇرغانغا ئىش پۈتمەيدۇ ئۇكام
كەيپىياتلار چوك گۈزەل بىز ئوينايمەن ۋالىس
دوپپا دوپپاڭ دوپى دوپى دوپپاڭ
كاللا ئويناتما ماڭقا بىزگە كار قىلمايدۇ گۇمپاڭ
دوپپا دوپپاڭ دوپى دوپى دوپپاڭ
بىز سالغان جىگدە بىلەن توشۇپ كەتتى دوپپاڭ
ھەي ئاز بولۇپ قالدى يازغىنىم
ئېفېمىزم ئىشلەتمىدىم بەك تېگىپ كەتتى بازغىنىم
سەندەك گوروز گۇيلار بىلەن دوست بولغىنىم ئازغىنىم
چەمبىرىكىم پاكىز بولسا مېنىڭ شەرەپ قازغىنىم
تاس تاس تاس قېلىپ قالدى ئۆڭگىلى
گەپلىرىمگە چىدىيالماي تاس قېپ قالدى ئۆلگىلى
ئاز ئاز ئاز قېلىپ قالدى كەتكىلى
خىجىللىقتا قىل قىلىپ قالدى ئۇدۇل نەپەس ئۈزگىلى
ھە ھە مەن دېمەيتتىم زورلۇدۇڭ
تولا پاقىلداپ ئالدىمدا ئارامىمدا قويمۇدۇڭ
ھە ھە يۈز بەرگەننى ئۇقمۇدۇڭ
ھەددىڭدىن بەك ئاشتىڭ غوجا ئاكاڭنى ئۇنتۇدۇڭ
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑