17.Wapadarim

歌手: Abdugini Ablikim • 专辑:Gulum Sizga Hayran • 发布时间:2025-08-26
作词 : Abdugini Ablikim
作曲 : Abdugini Ablikim
编曲 : Gheni Selay
ۋاپادارىم
سەن مېنىڭ بەختىم
بىغۇبارىم، ۋاپادارىم
سەن تاڭدىكى قۇياشتەك
شۇنچە ئىللىق مېھرىبانىم
مەن بۇ ھاياتىمدا
سېنىڭدىن ئايرىلالمايمەن
بىر ئۆمۈرلۈك نىگارىم سەن
ۋاپالىق ھەمراھىم

مېھرى ۋاپا ساداقەت
ھاياتتىكى كارامەت
ھەمراھ بولسا ئەگەردە
بولۇر ھەممىدە ئامەت
ھايات شۇنچە گۈزەلكى
شۇنداق ياشىسا كىمكى
بەخت دېگەن ئەنە شۇ
يوقتۇر يىراقتۇر كۈلپەت

كەلگىن مېھرى ۋاپادار
مەندىن كەچمىگىن زىنھار
بەرگىن ئىللىق مېھرىڭنى
قىلما مېنى بۇنچە خار
بارىم ساڭا تەسەددۇق
بولمىساڭ دىلىم سۇنۇق
رىشتىمىز باغلانسۇن
مەڭگۈلۈككە ۋاپادار

سەن مېنىڭ بەختىم
بىغۇبارىم، ۋاپادارىم
سەن تاڭدىكى قۇياشتەك
شۇنچە ئىللىق مېھرىبانىم
مەن بۇ ھاياتىمدا
سېنىڭدىن ئايرىلالمايمەن
بىر ئۆمۈرلۈك نىگارىم سەن
ۋاپالىق ھەمرايىم

نا، نارا ناناننا
نارارىن نا، ناران نا، نا
نا، نارا ناناننا
نارارىن نا، ناران نارا
نا، نارا ناناننا
نارارىن نا، ناران نا، نا
نا، نارارىن نا، نا، نا
نارارىن نا، نا، نا، نا
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑