Jawapsiz soygu 单恋

歌手: Shahimerdan麦尔丹 • 专辑:Jawapsiz soygu 单恋 2008 • 发布时间:2008-07-07
作词 : Shahimerdan麦尔丹
 作曲 : Shahimerdan麦尔丹
جاۋاپسىز سۆيگۈ
تېكىستى & مۇزىكىسى : شاھىمەردان ئىمىن
تېكىست تەھرىرى:Mungwaz
ئاشۇ چاغلار ئېسىمدە ، تەشنا ئىدىم سۆيگۈڭگە
گۈلگە ئاشىق شۇ بۇلبۇلدەك ، ھىجران چۆلىدە يىگانە
سۆيدۈم دىسەم سەندىن سادا يوق ، مۇھەببەتكە خالىس جاۋاپ يوق
شېرىن كەبى پەرھاتنى ، سۆيگەن يۈرەك سەندە يوق
ناخشا ئېيتسام قارايسەن ،زۇلفىڭ بىلەن باغلايسەن
سۆزلىرىمگە جاۋاپ يوق ،ئەلەملەرگە تاشلايسەن
كۆيمەكتىمەن پىراقتا ، يارسېنىڭدىن يىراقتا
جاننى ئالساڭ مەيلىتى ، ھەجەپ قالدىم ئازاپتا
كەتسەڭ كەتكىن يىراققا ھامان بىركۈن كىلەرسەن
پاك سۆيگۈنىڭ قەدرىگە ، ئاشۇ چاغدا يىتەرسەن
ئاشۇ چاغلار ئېسىمدە ، تەشنا ئىدىم سۆيگۈڭگە
گۈلگە ئاشىق شۇ بۇلبۇلدەك ، ھىجران چۆلىدە يىگانە
سۆيدۈم دىسەم سەندىن سادا يوق ، مۇھەببەتكە خالىس جاۋاپ يوق
شېرىن كەبى پەرھاتنى ، سۆيگەن يۈرەك سەندە يوق
ئىشقىڭدا مەن سەرسانە ، سۆيگۈڭدە مەن پەرۋانە
گۈلگە ئاشىق شۇ بۇلبۇلدەك ، ھىجران چۆلىدە يىگانە
كۆيمەكتىمەن پىراقتا ، يارسېنىڭدىن يىراقتا
جاننى ئالساڭ مەيلىتى ، ھەجەپ قالدىم ئازاپتا
كەتسەڭ كەتكىن يىراققا ھامان بىركۈن كىلەرسەن
پاك سۆيگۈنىڭ قەدرىگە ، ئاشۇ چاغدا يىتەرسەن
كەتسەڭ كەتكىن يىراققا ھەركۈن سىنى كۈتەرمەن
پاك سۆيگۈنىڭ قەدرىگە ،ھامان بىركۈن يىتەرسەن
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑