Hayatim/这人生

歌手: Alijan Aksopa • 专辑:Wedimiz Wede(一言为定) • 发布时间:2017-05-15
作词 : Ezimet Exmet Taran
 作曲 : Alijan Aksopa
 编曲 : Keramjan MamatEli
ھاياتىم
تەرجىمان: ئەزھەرجان مەھمۇد
ئاكورتلاشتۇرغۇچى:كېرەمجان مەمەتئەلى
ئاۋاز ئۈنۈم: ئەلى ئاقسوپا
ھاياتىم يېرىمى تۈگىدى كەتتى
كەلگۈسۈم يىراقتىن قارايدۇ غۇۋا
كىملەرگە گۈل بولۇپ كىملەرگە تىكەن
مەن قانداق ياشىدىم ماڭا كىم گۇۋاھ
كىملەرگە گۈل بولۇپ كىملەرگە تىكەن
مەن قانداق ياشىدىم ماڭا كىم گۇۋاھ
مۇزىكا
مەنزىلسىز بېسىلغان قەدەملىرىمدىن
سورايمەن ئاخىرقى قارارگاھىمنى
تەلتۆكۈس يۇيىمەن ئىشەنچىم بىلەن
كۆز ياشقا ئايلانغان دەرت - پىغانىمنى
تەلتۆكۈس يۇيىمەن ئىشەنچىم بىلەن
كۆز ياشقا ئايلانغان دەرت - پىغانىمنى
مۇزىكا
يىللارنىڭ كەينىدە ئارمانلىرىم بار
كۆپ تېخى ئالدىمدا باسىدىغان يول
تىڭىرقاپ يۈرمەيمەن مۈشكۈللىرىمگە
سىناق دەپ ھەممىنى قىلىمەن قۇبۇل
تىڭىرقاپ يۈرمەيمەن مۈشكۈللىرىمگە
سىناق دەپ ھەممىنى قىلىمەن قۇبۇل
قەلبدىن ئۆكسىگەن ئىلھاملىرىمدىن
كۈيلىنەر سۆيۈملۈك ئەزىزىم خەلقىم
قەلبدىن ئۆكسىگەن ئىلھاملىرىمدىن
كۈيلىنەر سۆيۈملۈك ئەزىزىم خەلقىم
ھاياتقا شاد بېقىپ قارايمەن شۇڭا
بۇ مېنىڭ ئارزويۇم مېنىڭ ھاياتىم
ھاياتقا شاد بېقىپ قارايمەن شۇڭا
بۇ مېنىڭ ئارزويۇم مېنىڭ ھاياتىم
بۇ مېنىڭ ئارزويۇم مېنىڭ ھاياتىم
📥 下载LRC歌词 📄 下载TXT歌词

支持卡拉OK同步显示,可用记事本编辑